SINQI影视电影网 - سىنچى كىنوخانىسى SINQI影视电影网 - سىنچى كىنوخانىسى
  • 提示不要轻易相信视频中的广告,谨防上当受骗!
  • 提示如果无法播放请重新刷新页面,或者切换线路。
  • 提示视频载入速度跟网速有关,请耐心等待几秒钟。
影视简介
ياش، كېلىشكەن دېڭ لەن خېنىم تالانتلىق، تىجارەتتە تەدبىرلىك بولۇپ، تۆمۈر قاچا ۋاسىتىسى ئارقىلىق دادىسى نارايائېننىڭ ئەسلىدىكى تىجارىتى ياخشى بولماي، تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر شىركىتىنى بىردىنلا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقەتچىلىك شىركىتىگە ئايلاندۇرغان، ئۇنىڭ ئەۋزەل ئىجتىمائىي ئورنى ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ھەشەمەتچىلىك، ئۆكتەملىك قىلىپ كىشىنى بىزار قىلغان. ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئۇ كارخانا خىزمەتچىلىرىگە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان بولۇپ، تىپىك« ۋۇ زېتيەن تىپىدىكى ئايال كۈچلۈك ئادەم، شۇنداقلا ئۇچىغا چىققان ئاياللار ھوقۇقى تەرەپدارى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى، ئۆز ئاتا-ئانىسىمۇ بۇ ئەركە چوڭ بولغان قىزىنى ياخشى كۆرەتتى ھەم قورقاتتى. بولۇپمۇ توي قىلىش توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقان قىزىنىڭ توي ئىشى ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان.ئۇ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، تالانتلىق ھەم چىرايلىق دەپ قاراپ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئەرنىڭ ئۇنىڭغا لايىق كېلىدىغان ۋە ئۇنى باشقۇرىدىغان سالاھىيىتى بولمايدۇ، پەقەت تەڭرى ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇنداق ئىقتىدارلىق ئادەمنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ تۇغۇلغان ئەر بولمىسىلا، دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭ سودىدىكى رىقابەتچىسى قۇدىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كارخانىسىنى يۇتۇۋالماقچى بولغان، نەتىجىدە ئۇ توي تەلىپىنى رەت قىلىپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا رەھىمسىزلەرچە پاش قىلغان ھەمدە زىتىغا تەگكەن ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغان. قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، ئەدەپسىزلىكىگە كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، كېيىنكى بالايىئاپەتنىڭ يىلتىزىنى يوشۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۇنى دائىم باشقىلار بىلەن بولغان ئاۋارىچىلىككە سالاتتى، بۇ قېتىم ئۇ يەنە ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ئەر باش قەھرىمان راجۇ ۋارما بىلەن تاكاللىشىپ قالدى. بىراق، تەڭرى چوڭ بىر چاقچاق قىلغاندەك قىلاتتى، نەتىجىدە لاجۇ خاتا ھالدا ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسىگە، قول ئاستىدىكىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل لاجۇ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە ئۇنىڭ تالاش ـ تارتىشىدا تۇردى، غەزەپتىن ئېسەنكىرەپ قالغان شى دېڭلەن خېنىم جاھىللىق بىلەن بۇ لاجۇ ئىسىملىك ياش ئىشچى ئۇنىڭ بىلەن قەستەن قارشىلاشتى، دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەشەددىي رەقىبى دەپ قارىدى ھەم بەدەل تۆلەشكە قارىماي، بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنى بويسۇندۇردى ھەم ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالدى، ھەتتا يالغاندىن توي قىلىش نىيىتىدىن يانماي، پۇرسەت كۈتۈپ، ئائىلە ئارقىلىق ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى. راجۇ ۋارما ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ھاقارەتلىرىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى.قايتا ـ قايتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان شى دېڭلەن ئاخىر ئەقلىنى يوقىتىپ، چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت قوللاندى، بۇنىڭ بىلەن خۇددى قازان قاينىتىۋەتكەندەك بۇ ئائىلە ئاخىر چاك ـ چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى. ئۇمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى، ئۇنىڭ ئەسەبىي ھەرىكىتى بارلىق يېقىنلىرىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىدى.ياماننى يالغۇز يۇتقان شى دېڭلەن قانداقلا بولمىسۇن ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، بىر مەھەل ئەسەبىيلەرچە ئېسەنگىرەپ كەتكەن شى دېڭلەن شۇندىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولدى. ئەمما پۇشايمان كېچىككەن بولۇپ، شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئالغان ئەخلاق قەرزى ئۈچۈن پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم پەسكەشلەرنىڭ يوشۇرۇن قولىغا چۈشۈپ قالغاندا، ھەممىنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغان ئۇ يار-يۆلەكسىز قالدى. ئۇ« يەر چاققان ئەمەس، يەر چاققان ئەمەس» دەپ ئويلاۋاتقاندا، لاجۇ يەنە بىر قېتىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قۇتقۇزۇۋالدى.ئۇ ئاخىرى بىر ئادەتتىكى ئايالنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك مۇلايىم، پەزىلەتلىك تەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
职演员

زوراۋان ئايال

😘为本站充电
帮助本站持续运营赞助所得将全部用于服务器续费与升级。
为什么需要赞助?
本站“团队”其实只有我一个人。很多人都不敢相信,几年前我还在上大学的时候就开始做了,之后一直作为一个业余项目开发维护至今。 能坚持这么多年也是很不容易的,期间遇到的各种困难我都一一克服了。 然而,维持网站的运行需要支出高昂的服务器和带宽费用。 随着访问量的增加,我逐渐难以负担。为了能继续坚持下去,我不得不寻求大家的帮助。感谢所有为本站提供过支持的朋友们! 人人为我,我为人人。本站未来会继续努力让看电影变得简单!
支付宝打赏
微信打赏

1.如播卡顿或失败可切换片源。

2.建议选择腾讯视频,爱奇艺,优酷等片源播放,速度更快画质更好,如播放失败可点击切换线路。

3.请不要相信视频中的广告,视频中广告非本站所加。

热门文章
更多
本地记录 云端记录
登录账号
网站公告

这是一条公告